شىزاڭدا تۇغۇلغان نېپاللىق تېنزىڭ نورگې (Tenzing Norgay) بىلەن يېڭى زېلاندىيىلىك ئەدموند ھېللارىي (Edmund Hillary) ئەنگىلىيە تاغقا چىقىش ئەترىتىگە قاتنىشىپ، 1953-يىلى بىرلىكتە جۇمۇلاڭما چوققىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ھالقىپ ئۆتۈش قىيىن بولغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىلگىرى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنى تاماملايدۇ: «ئالتە قېتىم سىناپ باققاندىن كېيىن، تېنزىڭ بارلىق خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چوققىغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك تاغقا چىقىش ئىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۆزگىرىشچان سىياسىي ئامىل ۋە خەتەرلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، تېنزىڭ يۇمۇرىستىك، قىزغىن ۋە سېخىي پوزىتسىيە بىلەن ھەمراھلىرىغا مۇئامىلە قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇقەددەس جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چوڭقۇر ھۆرمەت ھەم ئەيمىنىش ھېسسىياتىنى بىلدۈرىدۇ.»
1953-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئۇلار تۇنجى تۈركۈمدە جۇمۇلاڭما چوققىسىنىڭ چوققىسىغا چىققان كىشىلەر بولۇپ قالىدۇ.