بۇ فىلىم (يەنە بىر ئىسمى «ئىشكاپتىكى ئاپام»)دە ئاتا-ئانىسىنىڭ توي تۇرمۇشى ۋەيران بولۇش گردابىغا بېرىپ قالغان بىر ئۆيدە ياشايدىغان سەككىز ياشلىق قىزچاق بېللانىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. بىر كۈنى، ئۇ كىيىم ئىشكاپىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىن ھەر كۈنى يېرىم كېچىدە بىر سىرلىق مەخلۇقنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ مەخلۇق قىزنىڭ ئانىسى ئۇرسۇلاغا تامامەن ئوخشايتتى، شۇڭا بېللا ئۇنى «يەنە بىر ئاپام» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئوخشاش بىر سۆزنى تەكرارلايتتى: «قەلبىڭگە كىرسەم بولامدۇ؟» بېللا تەبىئىي سېزىمى بىلەن بۇنى رەت قىلىدۇ، ئەمما «يەنە بىر ئاپا» تېخىمۇ بۇرمىلانغان ۋە ۋەھشىي قىياپەتتە ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلايدۇ، ھەتتا ھەقىقىي ئانىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۆيدە غەيرىي ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ، باشقا ئائىلە ئەزالىرىمۇ ئۇنى كۆرۈشكە باشلىغاندا، بېللا ئۆزى پۈتۈنلەي يۇتۇپ كېتىلىشتىن بۇرۇن، بۇ نىقابلىق مەخلۇقنى ئاشكارىلىشى ياكى بەزى ئىشىكلەرنى ھەرگىز ئاچماسلىق كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك ئىدى ...
فىلىم جوش مالېرمان (Josh Malerman)نىڭ 2024-يىلدىكى شۇ ناملىق رومانى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن.