داڭلىق رېژىسسور كرىستوفېر نولاننىڭ يېڭى فىلىمى رەسمىي ئېلان قىلىندى: ئەپسانىۋى ھەرىكەتلىك داستان فىلىمى «ئودىسسىيوس» («ئودىسسا» ياكى «ئودىسسېي») پۈتۈنلەي يېڭى IMAX كىنو تېخنىكىسى قوللىنىلىپ سۈرەتكە ئېلىنىدىغان بولۇپ، ھومېرنىڭ شۇ ناملىق داستانىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن. فىلىمدە ئودىسسېيۇس (مات دامون باش رول ئالغان)نىڭ ھېكايىسى ھەمدە ئۇنىڭ ترويا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى 10 يىللىق يۇرتىغا قايتىش سەپىرى بايان قىلىنىدۇ ...